Webpack بىلەن تونۇشۇش
Posted LearnFans
tags:
篇首语:本文由小常识网(cha138.com)小编为大家整理,主要介绍了Webpack بىلەن تونۇشۇش相关的知识,希望对你有一定的参考价值。
بۇ تېمىىزدىمۇ ئوخشاشلا ئەڭ ئاۋۋال Webpack نىمە ئىكەنلىكى ۋە نىمگە ئىشلىتىلدىغانلىقى توغۇرلۇق پاراڭ قىلىپ باقايلى .Web تېخنىكسىنىڭ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ،Web قۇرۇلمىسىدىكى سىستېمىلار ۋە تور بېكەتلەرنىڭ ئالدى يۈز تېخنىكىلىرى ۋە بۆلەكلىرى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە كۆپ قاتلاملىق بولماقتا .مۇشۇنداق شارائىت ئاستىدا ئالدى يۈز قىسىمنىڭ مۇرەككەپلىك ،قۇرۇلما ۋە بۆلەكلەر مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدىغان كۆپ قوراللار بارلىققا كەلدى .مەسىلەن Grunt ، Gulp قاتارلىقلار.
Webpack زادى نىمە ؟
Webpack نى ئاددىيلا تىل بىلەن چۈشەنسەك ،بۆلەك بولاقلىغۇچ (模块打包机) . يەنى مەلۇم بىر كىچىك ياكى چوڭ بۆلەكنى پەقەت بىرلا كىرىش ئېغىزى شەكىلدە بولاقلاپ سىرتقا تەمىنلەيدۇ . (يۈزەكى مۇشۇنداقراق چۈشىنىپ تۇرلى دىمەكچىدە بۇ يەردە)
WebPack ۋە Grunt،Gulp نىڭ پەرقى
ئەمەلىيەتتە WebPack نى Grunt،Gulp لار بىلەن ئالاھىدە سىلىشتۇرۇشنىڭ زۆرۈيتىمۇ يوق . Gulp/Grunt بولسا ئالدى قىسىم تۈر ئېچىش جەريانىنى ئەلالاشتۇرىدىغان قورالدۇر . WebPack بولسا يۇقاردا تىلغا ئالغىنىمىزدەك بۆلەكلەشتۈرۈش (模块化解决方案) مەسىلنى ھەل قىلىدىغان قورال بولۇپ ،بەزەن شارائىت ئاستىدا Grunt،Gulp لەرنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ .
Grunt،Gulp نىڭ خىزمەت پىرىنسىپى
پىروگرامما ئاچقۇچىنىڭ ئالدىن بەلگىلەپ بەرگەن تەڭشەك ھۆججىتى (ئادەتتە بۇ ھۆججەتتە ئوخشاشمىغان ھۆججەت تىپلىرىغان بولغان 编译 قىلىش قائىدىسى ، ھۆججەت كىچىكلىتىش ، كود قىسىش ... قاتارلىق تەڭشەكلەر يېزىلغان بولىدۇ) گە ئاساسەن ئاپتوماتىك ھالدا مەشخۇلاتنى تاماملايدۇ .مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمگە قارايلى .
Webpack نىڭ خىزمەت پىرىنسىپى
ئاددىيلام چۈشەنسەك پۈتۈن تۈردىكى بارلىق ئۆز ئارا تايىنىدىغان مۇناسىۋەتلەر (依赖文件) نى مەلۇم تەڭشەككە ئاساسەن بولاقلاپ چىقىرىپ ، تور كۆرگۈچلەر نورمال بىر تەرەپ قىلالايدىغان javascript ھۆججىتىگە ئايلاندۇرىدۇ .مەسىلەن تۆۋەندىكى رەسىمگە قارايلى .
يۇقارقىلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى ، Webpack تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈم ۋە ئاددىي جەريان ئارقىلىق كۆپلىگەن ئوخشاش بولىمىغان ھۆججەت تىپلىرىنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ .
تېمىنىڭ داۋامىنى ئاستىدىكى 阅读原文 نى بىسىپ ئۇقۇڭلاراۋە سادىغاڭ كىتەي ، خۇشياقمىدى ...
以上是关于Webpack بىلەن تونۇشۇش的主要内容,如果未能解决你的问题,请参考以下文章
Vue.js 2.0 دە Http نى بىر تەرەپ قىلىش