Html
Posted ahmatjan
tags:
篇首语:本文由小常识网(cha138.com)小编为大家整理,主要介绍了Html相关的知识,希望对你有一定的参考价值。
مەن «كومپيۇتېر ئىنگلىز تىلى » ناملىق كىتابنى ئوقۇغاندىن بۇيان، بۇ كىتابنىڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بىر ياخشى ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، شۇ سەۋەب كىتابتىكى مەزمۇنلارنى ھەر بىر ساندا ھەمبەھىرلەپ چىقىرىشنى ئويلىدىم. ئەگەر سىز كومپيۇتېرنى ھەقىقىي چۈشىنىشنى ئويلىسىڭىز، دىققىتىڭىز سالونىمىزدىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن.
html دېگەن نېمە؟
HTML بولسا Hypertext Markup Languageنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ ، ئۇ تور بەت ۋە تور قوللىنىشچان پروگراممىلىرىنى قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
Hypertext: «تېكىست ئارسىدىكى تېكىست» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ، تېكىستتە بىر ئۇلىنىش بار بولسا، ئۇ Hypertext بولىدۇ. ھەر قېتىم يېڭى تور بەت ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز ، Hypertext نى چېكىسىز. Hypertext بولسا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تور بەت (HTML ھۆججىتى) نى بىر-بىرىگە باغلايدىغان ئۇسۇل.
Markup Language: بەلگە تىلى دىگەن مەنىدە بولۇپ، تېكىست ھۆججىتىنى ئىندېكىسلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە فورماتلاش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان كومپيۇتېر تىلى. بەلگە تىلى بولسا تېكىستنى ئۆز-ئارا تەسىرچانلىققا ۋە ھەركەتچانلىققا ئىگە قىلىدۇ. ئۇ تېكىستنى رەسىم ، جەدۋەل ، ئۇلىنىش قاتارلىقلارغا ئايلاندۇرالايدۇ.
تور بەت: تور بەت ئادەتتە HTML دا يېزىلىدىغان ۋە توركۆرگۈچ تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىدىغان ھۆججەت. تور بەت تۇراقلىق ياكى ھەرىكەتچان دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، HTML ئارقىلىق پەقەتلا تۇراقلىق تور بەت قۇرالايمىز.
شۇڭلاشقا ، HTML بولسا تېكىستنى ئاساس قىلغان بەلگە تىلى بولۇپ، توركۆرگۈچكە توردىكى رەسىم، خەت نۇسخىسى ۋە باشقا كۆپ ۋاسىتە ئېلېمېنتلىرىنى قانداق كۆرسىتىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ Css نىڭ ياردىمىدە ھەر خىل گۈزەل تور بەتلەرنى قۇرۇش ۋە توركۆرگۈدە چىرايلىق فورماتتا كۆرسۈتۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. HTML ھۆججەتلىرى نۇرغۇنلىغان HTML بەلگە - خەتكۈچلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، ھەر بىر HTML خەتكۈچىدە ئوخشىمىغان مەزمۇنلار بار
HTML نىڭ ئىقتىدارلىرى
ئۇ ناھايىتى ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك تىل. چۈشىنىش ۋە ئۆزگەرتىش ئاسان.
HTML نى ئىشلىتىپ ئۈنۈملۈك ( مىسال ئېلىش، نەقىل ) كۆرسىتىش ناھايىتى ئاسان، چۈنكى ئۇنىڭدا نۇرغۇن فورمات بەلگىسى بار.
ئۇ بىر بەلگە تىلى، شۇڭا ئۇ تور بەت ۋە تېكىست لايىھىلەشنىڭ جانلىق يولىنى تەمىنلەيدۇ.
پروگراممېرلارنىڭ تور بەتلەرگە ئۇلىنىش قوشۇشىنى قۇلايلىقلاشتۇرۇپلا قالماي يەنە بۇ ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنىڭ كۆرۈشكە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرىدۇ.
ئۇ مۇستەقىل ، چۈنكى ئۇنى Windows، Linux ۋە Macintosh قاتارلىق ھەر قانداق سۇپىلاردا كۆرسىتەلەيدۇ.
پروگراممېرلارنىڭ گرافىك، سىن ۋە ئاۋازلارنى تور بەتلەرگە قوشۇشى قۇلايلىق بولۇپ، تور بەتلەرنى تېخىمۇ جەلپكار قىلىدۇ ۋە ئۆز-ئارا تەسىرچانلىققا ئىگە قىلىدۇ.
بۇ سالوندا پەقەت كومپيۇتېرغا ئائىت مەزمۇنلار يوللىنىدۇ. مەزمۇنلارنىڭ كەسپىيلىكى كۈچلۈك ھەم نەزەرىيىۋىلىكنى ئاساس قىلىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كومپيۇتېر ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان دوستلارنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىمەن . مەنمۇ بىر يېڭىدىن ئۆگەنگۈچى، كۈندە ئۆگەنگەن مەزمۇنلىرىمنى كومپيۇتېرغا قىزىقىدىغان دوستلىرىمغا ھەمبەھىرلەش مەقسىتىدە بۇ سالوننى قۇردۇم. ئەلۋەتتە ئىقتىدارىمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى تەرجىمىدە خاتالىق بولسا، بايقىغان دوستلارنىڭ تۈزىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
以后讲的内容如下:
-
Visual Basic
-
C#
-
Java
-
-
Java applet
-
HTML
-
HTML5
-
Script Language
-
Active Server Page
-
JSP
-
Python
以上是关于Html的主要内容,如果未能解决你的问题,请参考以下文章