Yarn ۋە NPM
Posted LearnFans
tags:
篇首语:本文由小常识网(cha138.com)小编为大家整理,主要介绍了Yarn ۋە NPM相关的知识,希望对你有一定的参考价值。
Yarn بولسا Facebook , Google , Exponent ۋە Tilde لار ھەمكارلىشىپ ئوتتۇرغا چىقارغان يېڭىچە js بولاق باشقۇرۇش قورالى بولۇپ npm نىڭ كەمچىلىكلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەيدانغا كەلگەن . مەسىلەن npm نىڭ بولاق چۈشۈرۈش سۈرئىتى ئاستا بولۇش ، بولاق نەشىرى بىردەك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر Yarn دا ھەل قىلىنغان .
Yarn نىڭ ئارتۇقچىلىقى
سۈرئەت تىز
Yarn نىڭ سۈرئەت تېزلىكى تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىدا روشەن ئىپادىلىنىدۇ .
1. ماسقەدەملىك قاچىلاش (并行安装): بۇنداق ئەھۋالدا مەيلى Yarnياكى npm بولسۇن ئوخشاشلا package.json غا ئاساسەن بولاق قاچىلاش ئىلىپ بارسىمۇ لىكىن npm ئادەتتە package لارنىڭ رەت تەرتىپىگە ئاساسەن قاچىلاش مەشخۇلاتى قىلىدۇ . يەنى مەسىلەن ئىيتساق 1-نومۇرلۇق package قاچىلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن 2-نومۇرلۇق package نى قاچىلاشنى باشلايدۇ . Yarn بولسا بارلىق package لەرنى تەڭ قاچىلايدىغان بولغاچ سۈرئەت ۋە ئۈنۈم npm گە سىلىشتۇرغاندا يۇقىرى بولىدۇ .
2. تورسىز ھالەت (离线模式) : بىر قېتىم قاچىلىنىپ بولغان package ئىككىنجى قېتىم يەنە قاچىلىش زۆرۈرىيىتىگە دۇچ كەلگەندە Yarn بىراقلام ئالدىنقى قېتىم ساقلانغان غەملىك (缓存) دىنلا ئوقۇپ ئالىدۇ . لىكىن npm يەنە يېڭىۋاشتىن چۈشۈرىدۇ .بۇ چاغدا Yarn نىڭ ئەزەللىكى روشەن ئىپادىلىنىدۇ .
نەشىرىنىڭ بىردەكلىكى
مەسىلەن npm دە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل نەشىر ئۇچۇرىنىڭ مەنىسى ئوخشىمايدۇ .
"5.0.3" "~5.0.3" "^5.0.3"
5.0.3 بولسا بولاقچىنىڭ نەشىر نومۇرى 5.0.3 بولغاننى قاچىلاشنى كۆرسىتىدۇ . (مۇتلەق قىممەت )
~5.0.3 بولسا 5.0.x نەشىر دائىرىدىسىكى ئەڭ يېڭى نەشىرنى قاچىلاشنى كۆرسىتىدۇ.
^5.0.3 بولسا 5.X.X نەشىر دائىرىسىدىكى ئەڭ يېڭى نەشىرنى قاچىلاشنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقارقىدەك مەسىلىلەر ھەمكارلىشىپ تۈر ئاچقاندا دائىم باش ئاغرىتىدىغان مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچ ، Yarn ئۆزىدىكى قۇلۇپ ھۆجىجىتى (lock file) مىخانىزىمى ئارقىلىق بولاقچىلارنىڭ نەشىرىنىڭ مۇقىم بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان .
بۇيرۇق جۈملىسى تېخىمۇ ئاددىي ۋە ئاممىباب
Yarn نىڭ بۇيرۇقلىرى ئېغىز تېلغا تېخىمۇ يېقىنلاشقان بولۇپ ، ئاددىي ، چۈشىنىشلىك . مەسىلەن yarn add/remove بۇيرۇقلار ئەسىلىدىكى install/uninstall لارغا قارىغاندا مەنىسى ۋە رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلگەن .
خۇلاسە
Yarnھەرگىزمۇ NPM نىڭ ئورنىنى ئالىدۇ دىگەنلىك ئەمەس ، پەقەت NPM نىڭ يىتەرسىلىكلىرىنى ھەل قىلغان دىيىشكە بولىدۇ . قايسىسىنى ئىشلىتىش يەنىلا ئۆزىمىزگە باغلىق .
سالوندىكى مەزمۇنلارغا دائىم دىققەتتە بولۇپ تۇرۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز . قەرەللىك ھالدا پىروگراممىغا ئائىت نادىر كىتابلارنى سوۋغات قىلىش پائالىيەتلىرى بولۇپ تۇرىدۇ . ياخشى كىتابلار ئۇچۇرى تەمىنلىدۇ .
以上是关于Yarn ۋە NPM的主要内容,如果未能解决你的问题,请参考以下文章
Vue.js 2.0 دە Http نى بىر تەرەپ قىلىش